• By Parla English
  • June 28, 2024
  • No Comments

2024- يىللىق يازلىق تەتىللىك ئىنگلىز تىلى سۆزلىشىش دەرسى پىروگراممىسى

2024- يىللىق يازلىق تەتىللىك ئىنگلىزچە سۆزلىشىش دەرسى پىروگراممىسى

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا – ئانىلار، پارلا ئىنگلىز تىلى دەرسخانىمىزنىڭ بۇ يىل يازلىق تەتىللىك سۆزلىشىش پىروگراممىسى ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى ئېغىز تىلىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ پىروگرامما بەلگىلىك سەۋىيەدە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن 9 ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا ماس كېلىدۇ.

     بۇ قېتىملىق پىروگرامما نەچچە يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىمىز ۋە يېڭى ئوقۇتۇش تېخنىكىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، پىروگرامما پىلانى سۈنئ‍ىي ئەقىل مەھسۇلى بولغان chatGPT-4o بىلەن قايتا – قايتا پىكىرلىشىش نەتىجىسىدە روياپقا چىقتى. دەرس پىلانى ۋە لايىھەسى سائەتلىك مەزمۇنغا قەدەر پىلانلانغان بولۇپ، پىروگراممىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ ۋە ئازادە سىنىپ مۇھىتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، ئ‍ۆز – ئارا گۇرۇپپا مەشىقلىرى، رول ئويۇنلىرى ۋە تور يۈزى مەشىقلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىدۇ، ۋە شۇنداقلا ۋاقىت ۋە ھازىرقى تېخنىكىلىق شارائىتتىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى مەركەز قىلىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جۈرئەتلىك ھالەتتە ئېغىز ئېچىپ مەشىق قىلىشىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

كۆپ سورالغان سوئاللار

بولىدۇ، ئوقۇش پۇلىنى ئىككى كۈنلۈك دەرسكە قاتنىشىپ كۆرۈپ پىروگراممىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن ئاندىن تۆلىسىڭىز بولىدۇ. ئىككى كۈنلۈك دەرستىن كېيىن ئوقۇش پۇلى تۆلەنسە، كېيىن قاتناشمايدىغان بولۇپ قالسىڭىز ئوقۇش پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.

ئۇنداق قىلساقمۇ بولاتتى، ئەمما دەرسلەر تور دەرسلىرىمىزنىڭ باھاسىغا قارىتا بىر ئاز تۆۋەن باھادا بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەپتە ئىچى ھەر كۈن قىلىشقا توغرا كەلسە، ئوقۇش پۇلى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلار ئارىدا بىر كۈن ئۆيدە مەشىق قىلىۋالسا تېخىمۇ ياخشى. ئەمما تەلەپ كۆپ بولۇپ قالسا كېلەر يىلى ھەر كۈنى دەرس قىلىشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ.

ياق، بىز دەرسخانىدا بالىلارغا لازىملىق مەزمۇنلارنى تەييارلاپ كېلىمىز، دەرسلەر ئالدىن تەييارلانغان سىيرىلما ۋە بالىلارغا بېسىپ چىقىرىپ بېرىلگەن ماتېرىياللار بىلەن ئۆتۈلىدۇ. بالىلار پەقەت قەلەم ۋە خاتىرە دەپتەرلىرىنى ئېلىپ كەلسىلا بولىدۇ.

بۇ قېتىملىق پىروگراممىمىز پەقەت 15- 20 ئوقۇغۇچى ئۈچۈنلا لايىھەلەنگەن. تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى سانى 15 تىن ئاز بولسا بۇ پىروگرامما ئېچىلمايدۇ. ئوقۇغۇچى سانى 20 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ھېچۋەقەسى يوق. بىز سەفاكۆيدە پارلا ئىنگلىز تىلى نامىدا تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر ئەمەلىي كۇرسنى ئېچىشنى قارار قىلدۇق. سەفاكۆيدە پۈتۈن كۈنلۈك كۇرس ئېچىلغان ئورۇنلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن. بىز پەقەت باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى يىللىقى ۋە  ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىنگلىز تىلى سۆزلىشىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجى بار بولغانلارغا كۈچىمىز يەتكەن دائىرىدە ئەڭ ياخشى شارائىتىنى يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلدۇق. يولىمىز ئۇزۇن، بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىياجغا قارىتا دەرسلىك پىروگراممىلىرىنى يولغا قويساق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تور دەرسلىرىمىز ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل بىلەن بىرلىكتە تۈزۈلگەن توققۇز ھەپتىلىك 81 سائەتلىك دەرس لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۆزىمىز ئالدىن تەييارلاپ كەلگەن سىيرىلما،
OpenEnglish ھېسابىدىمكى پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ماترىياللار
English central  تور بېتىدىكى بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان سۆزلىشىش مەشىقلىرى
chatGPT-4o بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان رول ئېلىش تېكىسىتلىرى
ئامېرىكا ۋە كانادادىن كەلگەن ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئەمەلىي مەشىقلەر
ۋە باشقا تۈرلۈك ئەمەلىي ۋە جانلىق ئۇسۇللار

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *