
پارلا ئىنگلىز تىلى تور مەكتىپى 2025 – يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
پارلا ئىنگلىز تىلى تور مەكتىپى 2025- يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى!!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا – ئانىلار:
پارلا ئىنگلىز تىلى تور مەكتىپى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىگە ئۈنۈملۈك ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ سىستېمىلىق ۋە تەرتىپلىك ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بىلەن 2025 – يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى.
6-14 ياش ئارىسىدىكى بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىگە ماس بولغان سىنىپنى تاللاش ئارقىلىق دەرسخانىمىزغا تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
دەرسلەرنى بېيجىڭ سانائەت ئۇنۋېرسىتېتى باكلاۋۇرى، بەش يىلدىن ئارتۇق بالىلار ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، تۆت يىلدىن بېرى توردا سىستېمىلىق ۋە ئىزچىل دەرس بېرىپ كېلىۋاتقان، TESOL خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسى بولغان مەريەم مۇئەللىم، (Meryem Muhter)
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى باكلاۋۇرى، ئۈچ يىللىق بالىلار ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئائىشە مۇئەللىم، (ئۈممۈ ئەسما)
ۋە Obafemi Awolowo University ئىنگلىز تىلى مائارىپى باكلاۋۇرى، بەش يىلدىن ئارتۇق ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە Oeyedeji مۇئەللىم (Oyedeji Hephzibah) بېرىدۇ .
دەرسلەر بالىلارنىڭ دەرسلىك كىتابى بىلەن ماس قەدەمدە تەييارلانغان سۈپەتلىك سىيرىلمىلار بىلەن ھەر بىر بالىنى دەرسكە ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق زۇم دىتالىدا نەقسۇنۇم ئۆتۈلىدۇ.
بۇ يىل داۋاملىشىدىغان ۋە يېڭى ئېچىلىدىغان سىنىپلار:
نۆل سەۋىيە ( Oxford Phonics World 1)_____ مەريەم مۇئەللىم ( سەيشەنبە ۋە پەيشەنبە 19:00–20:00)
نۆل سەۋىيە ( Oxford Phonics World 1)_____ مەريەم مۇئەللىم ( چارشەنبە ۋە جۈمە) ( 18:00–17:00)
Oxford Phonics World 3 ( 4- بۆلۈمدىن باشلايمىز).———— ئائىشە مۇئەللىم ( چارشەنبە ۋە شەنبە 19:00–20:00)
Oxford Phonics World 5 ( 3- بۆلۈمدىن باشلاپ) ———— مەريەم مۇئەللىم ( سەيشەنبە ۋە جۈمە 18:00–19:00)
Family and Friends 1 ( 14 – بۆلۈمدىن باشلايمىز) ———— مەريەم مۇئەللىم ( چارشەنبە ۋە شەنبە 20:00–21:00)
Family and Friends 3 ( باشتىن باشلايمىز) ——— مەريەم مۇئەللىم ۋە Oyedeji مۇئەللىم ( دۈشەنبە ۋە جۈمە 19:00–20:00)
Family and Friends 3 ( 9- بۆلۈمدىن باشلايمىز) ——— مەريەم مۇئەللىم ۋە Oyedeji مۇئەللىم ( دۈشەنبە ۋە جۈمە 20:00–21:00)
Speaking. سۆزلىشىش دەرسلىرى ( Oxford skills World) ____ مەريەم مۇئەللىم (شەنبە ۋە يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن)
Speaking ( سۆزلىشىش دەرسلىرى) ____Oyedeji مۇئەللىم
( كەچلىك ياكى شەنبە يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئورۇنلاشتۇرساق بولىدۇ)
بۇ يىلقى گۇرۇپپا دەرسلىرىمىزنىڭ باھاسى تۈركىيە ئىچى 700 لىرا، تۈركىيە سىرتى 25 دوللار ياكى 25 ياۋرو بولۇپ، يىللىق ياكى يېرىم يىللىقنى بىراقلا تۆلىگەن بالىلار ئۈچۈن مۇۋاپىق ھالدا باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە
بىر ئائىلىدىن ئومۇمىي باھادا ئېتىبار قىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
بىر ئائىلىدىن ئىككى بالا دەرسكە قاتناشسا، ئومۇمىي باھادا %10 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
بىر ئائىلىدىن ئۈچ بالا دەرسكە قاتناشسا، ئومۇمىي باھادا %15 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
بىر ئائىلىدىن تۆت بالا قاتناشسا، ئومۇمىي باھادا %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
ھەر بىر بالا ئۈچۈن بىر جەدۋەل تولدۇرۇڭ
https://forms.gle/X4sFU7eqUBrBP8X29





