https://wordpress.zcube.in/kidso/wp-content/uploads/2022/05/an-img-03.png
https://wordpress.zcube.in/kidso/wp-content/uploads/2022/05/an-img-04.png
https://wordpress.zcube.in/kidso/wp-content/uploads/2022/05/an-img-05.png
https://wordpress.zcube.in/kidso/wp-content/uploads/2022/05/about_img-1.png
ھەققىمىزدە

كىچىك بالىلارغا ئەڭ توغرا ئۇسۇلدا تىل ئۆگىتىش

پارلا ئىنگلىز تىلى تور دەرسخانىسى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىگە ئۈنۈملۈك ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ سىستېمىلىق ۋە تەرتىپلىك ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بىلەن يېڭىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى. 6-12 ياش ئارىسىدىكى بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىگە ماس بولغان سىنىپنى تاللاش ئارقىلىق دەرسخانىمىزغا تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

دەرسلەرنى بەش يىلدىن ئارتۇق بالىلار ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، ئۈچ يىلدىن بېرى توردا سىستېمىلىق ۋە ئىزچىل دەرس بېرىپ كېلىۋاتقان، TESOL خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسى بولغان مەريەم مۇئەللىم ئۆتىدۇ.

دەرسلەر بالىلارنىڭ دەرسلىك كىتابى بىلەن ماس قەدەمدە تەييارلانغان سۈپەتلىك سىيرىلمىلار بىلەن ھەر بىر بالىنى دەرسكە ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق زۇم دىتالىدا نەقسۇنۇم ئۆتۈلىدۇ.

5

يىللىق
تەجرىبە

300

دىن ئارتۇق
ئوقۇغۇچى

4

نەپەر
ئوقۇتقۇچى

10

قارار
سىنىپ

Parla English Youtube Channel

يىڭىچە ئۇسۇل بىلەن قىسقا ۋاقىتتا تىل ئۆگىنىش

https://wordpress.zcube.in/kidso/wp-content/uploads/2022/05/an-img-06.png
https://wordpress.zcube.in/kidso/wp-content/uploads/2022/05/an-img-04.png
https://wordpress.zcube.in/kidso/wp-content/uploads/2022/06/testmonail-img.png

ئاتا-ئانىلارنىڭ باھاسى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەريەم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ مەن ئۈچ يىلدىن بېرى ئىككى بالامنى سىزنىڭ بالىلار ئىنگلىز تىلى دەرسخانىڭىزدا ئوقۇتۇپ كېلىۋاتىمەن. بۇ جەرياندا بالىلىرىمنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى ئىلگىرىلىشى بەك ياخشى بولدى. بۇ دەرس گەرچە ھەپتىدە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر سائەتتىن بولسىمۇ، ئىزچىل داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن بالىلىرىم A1, A2 سەۋىيەدىكى بالىلار رەسىملىك كىتابىنى بىمالال ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. سىزنىڭ ئىزچىللىقىڭىز ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىڭىز بىزنى بەك تەسىرلەندۈردى. مانا ئەمدى، ئۈچۈنچى بالامنى يېڭى ئېچىلماقچى بولغان 0 سەۋىيە سىنىپىڭىزغا تىزىملاتتىم. بالىلىرىمىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۈچ چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.بىز سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار 👏💐❤💐👏

ئاتا-ئانىلاردىن بىرى
Parla English

My daughter has been studying here for a year, her English has improved considerably. She used to be afraid of speaking but now she can speak clearly and read books very well. I think teacher Meryem's online method is very successful , so parla English is our best choice for english studying.

ئاتا-ئانىلاردىن بىرى
Parla English