
پارلا ئىنگلىز تىلى تور مەكتىپى 2025 – يىللىق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
پارلا ئىنگلىز تىلى تور مەكتىپى 2025- يىللىق ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ.
2020 – يىلى 3-ئايدىن تارتىپ توردا دەرس باشلاپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تور دەرسخانىمىزغا بۇ يىل يەنى 2024- يىلى بېشىدا «پارلا ئىنگلىز تىلى» دەپ نام بەرگەنىدۇق ۋە بىر نەچچە ياردەمچى مۇئەللىملەرنىمۇ تەسىس قىلغانىدۇق. ھازىر 2025- يىلىدىن باشلاپ بۇ دەرسخانىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشاننى كۆزلىگەن بىر ئىنگلىز تىلى تور مەكتىپىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، يەنە بىر قانچە ئوقۇتقۇچى كۆپەيتمەكچى بولۇۋاتىمىز. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش تەجرىبىسى بولغان ۋە ئانا تىلىمىز — ئۇيغۇر تىلىغىمۇ پىششىق بولغان، ئوقۇتقۇچىلىقنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سېپىمىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن جەدۋەل تەييارلاپ بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى تەپسىلىي يېزىپ قويغان بولساقمۇ، بۇ يەردە يەنە بىر قانچە نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىز:
1. سېپىمىزگە قوشۇلۇپ جېنىمىزغا جان، كۈچىمىزگە كۈچ قوشماقچى بولغانلارنىڭ چوقۇم مەسئۇلىيەت ئېڭى يۇقىرى بولۇشى؛
بالىلارغا توغرا ۋە ئۆلچەملىك بىلىمنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىزدىنىشچان بولۇشى؛
ياخشى ۋە ئاكتىپ بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشى، پىكىر ئالماشتۇرغاندا سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىدىغان، قارشى تەرەپنى ۋە گۇرۇپپا جامائىتىنى ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇشى؛
گۇرۇپپا ئىچىدىكى خىزمەتلەرگە قارىتا ئۆزىگە بولغان تەلىپى يۇقىرى، باشقىلارغا بولغان تەلىپى تۆۋەن بولۇشى، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدىغان، ياخشى تەرەپلىرىنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان بولۇشى؛
گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئەمما ئۆزىنىڭ ئىجادىي پىكىر – تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويالايدىغان جەسۇر ۋە دىتلىق بولۇشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ.
2. ئوقۇتۇش مېتودىغا كەلسەك، دەرسخانىدا ھەر تۈرلۈك مېتودلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنالايدىغان بولۇشى، بالىلار ئالدىدا جانلىق، تېتىك ۋە سەۋرچان بولۇشى كېرەك. ئىنگلىزچە تەلەپپۇزىنىڭ توغرا ۋە ئۆلچەملىك بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، سۆز ۋە جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى ئانا تىلىمىزدا بالىلار چۈشىنەلەيدىغان تىلدا ئېنىق ۋە توغرا يەتكۈزۈلۈشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇشى كېرەك.
3. مەكتىپىمىزگە قوشۇلماقچى بولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس پىلانى ئېنىق بولغان كىتاب ياكى ماتېرىياللارنىڭ پىلان بويىچە ۋاقتىدا تولۇق ئەمىللىشىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش ۋە خۇلاسە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭى قوشۇلغان ماتېرىياللار ئۈچۈن دەرس پىلانى تۈزەلەيدىغان، سىيرىلما تەييارلاپ دەرسكە كىرەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى پەرقلىق ئىش ھەققى بىلەن قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئىش ھەققى سائەتلىك ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىقتىدارى، تەجرىبىسى ۋە دەرس تەييارلىقىغا قارىتا ئىش ھەققى پەرقلىق بولىدۇ.
بىز بىزگە قوشۇلغانلارغا نېمە بېرەلەيمىز؟
1- سېپىمىزگە قوشۇلغان ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بىز ئۈچۈن قىممەتلىك. ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلغان ھەر بىر چوڭ – كىچىك ئەمگىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ، مەنىۋى ياكى ماددىي جەھەتتىن ئالقىش بېرىلىدۇ.
2- سېپىمىزگە قوشۇلغان ھەر بىر سەپدىشىمىزغا كېرەكلىك بولغان مەنىۋى ۋە ماددىي قوللاشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ۋايىغا يەتكۈزىمىز، شەكىللىك ياكى شەكىلسىز، ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ياردەملىرىمىزنى ئايىمايمىز. بىزنىڭ بىر پارچىمىز ئىكەنلىكىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىپتىخارلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز.
3- ئوقۇتۇشتا كېرەكلىك كىتاب، سىن ياكى ئاۋازلىق ماتېرىيال ياكى ماتېرىيال مەنبەسى، ئوقۇتۇش قورالى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيمىز، يەنى ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئالىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى تەييار سىيرىلما ۋە ماتېرىيالنى ئىشلىتىپ، بالىلارغا بىر سائەتلىك دەرسنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆتۈپ بېرىپ چىقىپ كەتسىلا بولىدۇ.
مەكتىپىمىزنىڭ شوئارى: ھەر بىر بالىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە پارلىشىدا ئازدۇر – كۆپتۇر تۆھپىمىز بولسۇن!
بۇ شوئارغا ئاساسەن، ئۇيغۇر بالىلىرىمىزنىڭ دۇنيا تىلى بولغان ئىنگلىز تىلىنى ئانا تىلى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان، يەككە ھالەتتىلا ئەمەس گۇرۇپپا ھەمكارلىقىدىمۇ خىزمەت قىلىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان غايىلىك، ئىرادىلىك ۋە پىداكار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ «پارلا ئىنگلىز تىلى تور مەكتىپى»مىزنىڭ كەم بولماس بىر پارچىسىغا ئايلىنشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمىز ۋە قىزغىن قارشى ئالىمىز.
سېپىمىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كىرىپ خىزمەت ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تولدۇرۇپ ئەۋەتىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز.
ھەممىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بىر باشلىنىش بولسۇن!
ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە پارلىشىغا ئازدۇر – كۆپتۇر تۆھپىمىز بولسۇن! 





Parla English Online School – Teacher Employment Application Form
Join Parla English Online School and Inspire Young Minds!
At Parla English, we are dedicated to helping Uyghur children shine like diamonds by equipping them with excellent English skills and confidence for a brighter future. We seek passionate and experienced online English teachers who can inspire, engage, and make a difference in our students’ lives.
If you are enthusiastic about teaching children and want to join a mission-driven team, we’d love to hear from you!
Requirements for the Position
- Educational Qualifications
- Bachelor’s degree in English, Education, or a related field (Master’s degree is a plus).
- TEFL, TESOL, CELTA, or an equivalent teaching certification (required).
- Teaching Experience
- Minimum of 1 year of experience teaching English, preferably to children.
- Experience with online teaching platforms (e.g., Zoom, Google Meet, or similar tools).
- Language Proficiency
- Strong command of the Uyghur language, including grammar and vocabulary.
- Ability to translate and explain English concepts accurately in Uyghur.
- Skills and Competencies
- Proficient in English with clear and correct pronunciation.
- Strong knowledge of standard English and the ability to teach it effectively.
- Excellent communication and interpersonal skills.
- Ability to take responsibility for students’ learning journeys, ensuring consistent progress.
- Patience and creativity in working with children of different levels.
- Technical Requirements
- Reliable computer or laptop with a webcam and microphone.
- Stable internet connection for seamless online classes.
- Basic proficiency in using online teaching tools and software.
- Availability
- Willing to commit to at least 6 months of teaching.
- Evening availability between 16:00–21:00 (Turkey time) is required.
- Preferred Qualifications (Not Mandatory)
- Experience teaching Uyghur children or bilingual students.
- Familiarity with Uyghur culture and the ability to connect with students personally.
What We Can Offer
At Parla English, we aim to provide our teachers a supportive and rewarding experience. Here’s what you can expect:
- Class Presentations and Materials: Ready-made teaching resources to reduce your preparation time.
- Flexible Scheduling: Classes are primarily held during the evening (16:00–21:00), making them convenient for your daily routine.
- Supportive Team: Assistance with technical and teaching challenges to ensure a smooth experience.
- Professional Growth: Opportunities to develop your skills and advance your teaching career.
- Purpose-Driven Work: Be part of a mission to empower Uyghur children through English education.