
What is Diversity?
Week 2
Name: What is Diversity?
Level: level 1
age: 6 -14
Click the link below to read this book.👇
018-HEY-MOM-WHAT-IS-DIVERSITY-Free-Childrens-Book-By-Monkey-Pen
Play the video below to listen to this book.👇
كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئائىشە مۇئەللىم
ئاپا ، پەرقلىق بولۇش دېگەن نېمە ؟
«مەكتەپتىكى كۈنلىرىڭىز قانداق ئۆتتى؟» سەلينىڭ ئاپىسى سورىدى»
ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىدى» دېدى ئۇ كۈلۈمسرىگەن ھالدا، «لېكىن مېنىڭ مۇئەللىمىم تەلبەرت خانىم مەن چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسلەر ھەققىدە سۆزلىدى، ئۇ ئۇنى پەرقلىق بولۇش دەپ ئاتىدى .»
«ئاپا ، پەرقلىق بولۇش دېگەن نېمىدۇ؟»
« سەلي، مەن سىزگە ئۇششاق -چۈششەك يېگۈدەك نەرسە بېرەي ۋە مەن ئۇنىڭ زادى نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي »
«مېنىڭ قىزىل چېچىم بار ، سىزنىڭ بولسا بۆلجۈرگەن سېرىق ئارىلاش چېچىڭىز بار ۋە دادىڭىزنىڭ …چېچى يوق»
سەلي ئاپىسىنىڭ دادىڭىزنىڭ …چېچى يوق دەپ ئىپادىلىشىگە كۈلۈپ كەتتى. «ھەر بىر ئادەمنىڭ چېچى ئوخشمايدۇ. ئوخشىمايدىغان رەڭلەردە، پاسۇنلاردا، ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. تۈز، بۈدرە ياكى ئازراق بۈدرە شەكىللەردە بولۇشى مۇمكىن. تېخى يەنە بەزىدە پەقەتلا چېچى بولماسلىقى مۇمكىن»
«سىز بىر قىز بالا ۋە سىزنىڭ ئۇكىڭىز بولسا ئوغۇل بالا. سىلەر ھەر ئىككىڭلار ئىنسان، لېكىن ئوخشمىغان جىنستا. مەن چوڭ، قورامىغا يەتكەن بىرى، ئەمما سىز تېخى كىچىك، بىز ئوخشىمىغان ياشتا.»
«سىزنىڭ دوستىڭىز جەيلىن ئاچىسى ۋە دادسى بىلەن بىللە ياشايدۇ، ئاپىسى بولسا باشقا شىتاتتا ياشايدۇ. ئۇلارمۇ بىزدەك بىر ئائىلە، ئەمما ئوخشىماسلىق بار.
«سىزنىڭ بىر ئۇكىڭىز بار، ئۇنىڭ بولسا ئاچىسى بار، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە ئاپىڭىز ۋە دادىڭىز بار، ئەمما ئۇنىڭ پەقەت دادىسىلا بار.»
«بىز مۇستەقىل ئۆيدە ياشايمىز، ئەمما جەيلىن بىنادا ياشايدۇ.»
«ئۇلار ھەممىسى ئىنسانلار ياشايدىغان ماكان، ئەمما ئۇلار ئۇخشىمايدۇ، پەرقلىق»
«سىز سۆسۈن رەڭگە ئامراق، ئەمما ئۇكىڭىز قىزىل رەڭگە ئامراق. ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان رەڭلىرى بار، ئەمما ئۇلار ئوخشىمايدۇ. سىز پۇتبولغا ئامراق، ئەمما ئۇكىڭىز بولسا ۋاسكېتبولغا ئامراق. ھەر ئىككىڭلار تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرىسىلەر، ئەمما ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە تۈرۈڭلار پەرقلىق.»
«ئاپا، مەن چۈشەندىم» دەپ ۋارقىرىدى سەلي، «نەرسىلەر گەرچە بىر -بىرىگە ئوخشىسىمۇ، ئەمما ئۇلار پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدۇ. مانا بۇ پەرقلىق بولۇش. مەن پەرقلىق بولۇشنى ياقتۇرىمەن، مەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇشىنى ئەسلا خىيال قىلالمايمەن.»
كىتابنىڭ سوئاللىرى